باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋيېتنام رەھبەرلىرى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى

2016.05.24 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ، پارلامېنت رەئىسى رۇەنشى جىنيىن، زوڭلى رۇەن چۇنفۇ ۋە ۋيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجوڭ 23-ماي پايتەخت خانويدا، زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

  ۋيېتنام ئالاقە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن داگۇاڭ ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە، ۋيېتنامنىڭ ۋيېتنام-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئوباما ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (TTP)نى ماقۇللىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ۋيېتنامنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ماسلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئوباما ئامېرىكىنىڭ ۋيېتنامغا قارىتىلغان قورال سېتىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، چېن داگۇاڭ بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈنى ئوباما يەنە رۇەنشى جىنيىننىڭ ھەمراھلىقىدا خو جىمىننىڭ كونا تۇرالغۇسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى ھەم رۇەن چۇنفۇ ۋە رۇەن فۇجوڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر