- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۇتىن مەمۇرلارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۇزارتىش قانۇن لايىھەسى ئىمزالىدى
2016.05.24 15:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 23-ماي، فېدېراتسىيە، شەھەر ھۆكۈمەت دەرىجىلىك مەمۇرلارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي ئۇزارتىش قانۇن لايىھەسى ئىمزالىدى.
كرىمىل سارىيى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى «روسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ بەزى قانۇنلىرىدىكى ئالاھىدە پۇقرالارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۆزگەرتىش» توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغان. قانۇن لايىھەسى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە، يىلدا يېرىم ياش ئۇزارتىش ئارقىلىق، فېدېراتسىيە، شەھەر ھۆكۈمەت دەرىجىلىك مەمۇرلارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي ئۇزارتىپ، ئەرلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى 60 ياشتىن 65 ياشقا، ئاياللارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى 55 ياشتىن 63 ياشقا ئۇزارتىش بەلگىلەندى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر