باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ئاۋات ناھيەسىگە يېتىپ كەلدى

2016.05.24 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، خالىقجان قۇربان خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىدىكى ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ئاۋات ناھىيەسىگە يېتىپ كېلىپ، يېڭئېرىق يېزىسى ئۈستۈنكى توغرا ئۆستەڭ كەنتى، دولان يېزىسى دولان كەنتى قاتارلىق جايلاردا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىدىن دوكلات بەردى.

  دوكلاتتا بايان قىلىنغان مۇنەۋۋەر شەخسلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئەمەلىي ئىش-ئىزلىرى تولۇپ-تاشقان قايناق ھېسسىيات، كۆتۈرەڭگۇ، جۇشقۇن كەيپىيات، يېقىملىق تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرەك-باغرىنى لەرزىگە سالدى.

  دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئادىلە ئىمامنىياز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى لېكسىيەدە بايان قىلىنغان ئىلغار شەخسلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. بىزنىڭ ئىدارىمۇ كۆپ مىللەت بىللە خىزمەت قىلىدىغان مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسى. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان كادىرلار بار. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمىز. ئەمەلىي خىزمەتلەر جەريانىدا ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇرت-ماكانلىرىمىزنى تېخىنۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  ئىستاستىكا ئىدارىسىنىڭ كادىرى ساۋ فېڭمىي مۇنداق دېدى: بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائاليىتىنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ناھىيەمىزنىڭ موقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز.

  بۇ قېتىمقى لىكسىيە پائالىيىتىگە 600 دىن ئارتۇق كادىر، ئامما قاتناشقان بولۇپ، تەسىرلىك ئىش-ئىزلار، ئەمەلىي پاكىتلار، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان جۇشقۇن كەيپىيات لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلاردا ئۇنتۇلماس خاتىرە قالدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر