باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇناسىۋىتى سوغۇق مۇئامىلە ئۇرۇش دەۋرىگە قايتىپ كەلدى»

2016.05.24 17:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى 23-ماي مۇنداق دېدى: روسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋىتى تېزدىن ئارقىغا چېكىنىپ، سوغۇق مۇئامىلە ئۇرۇش دەۋرىگە قايتىپ كەلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايلاردا ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىشتىن ئەپسۇسلاندى ۋە ئەندىشە قىلماقتا. مۇشۇنداق بولغانىكەن، موسكۋا ئالدىن مۆلچەرلەپ، مۇۋاپىق ، پىلانلىق ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 19-ماي شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىريۇسىلدىكى باش ئورگىنىدا قارا تاغنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىدى، بۇ، قارا تاغنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا رەسمىي قوبۇل قىلىشنى تەستىقلاش تەرتىپىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاراۋا 19-ماي، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قارا تاغنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر