21-ماي تاشقورغان يېزىسى قۇزغۇن كەنتىدىكى تاجىك ئاياللىرى «چىراغ پىلىكى»گە تەييارلىق قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 5-ئاينىڭ 21-ۋە 22-كۈنلىرى ئىسلام كالىندارىدىكى 8-ئاينىڭ 14-ۋە 15-كۈنلىرى بولۇپ، پامىر ئېگىزلىكىدە ياشايدىغان تاجىكلارغا نىسبەتەن بۇ ئىككى كۈن يىلدا بىر كېلىدىغان «چىراغ پىلىكى» بايرىمىدۇر.
21-كۈنى كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10لار ئەتراپىدا، قوياش ئاخىرى جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى ناھىيە __ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاشقورغان يېزىسى قۇزغۇن كەنتىنىڭ غەربىدىكى تاغلار ئارىسىغا پاتتى. تاغ باغرىدا قوي بېقىپ قايتىپ كەلگەن خالىق ئوچاق بېشىدا ئولتۇردى. ئۇنىڭ خوتۇنى مەريەم، كېلىنى رامىلە «چىراغ پىلىكى» بايرىمىغا بىر كۈن تەييارلىق قىلغان ئىدى، بايراملىق ئېسىل نازۇ-نېمەتلەردىن باشقا يەنە ئەڭ مۇھىم بولغىنى مايغا چىلانغان پاختا يىپ بىلەن ياسالغان پىلىك ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى