باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۇسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2016.05.24 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۇسى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەربىي سەپكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە جەلپ قىلىش ئۈچۈن، جايلار «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرگە ئېتىبار بېرىش پۇلىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ھەربىي سەپتىن قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى ئەسكەرلىرىنى مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يۇقىرىلاپ ئوقۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە ھەربىي سەپكە قاتناشقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توغرىسىدا يېڭى سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش تەلەپ قىلىندى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئىككى باسقۇچقا ئايرىدۇ. 1-باسقۇچ، ئالىي مەكتەپلەردە تەتىلگە قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ. بۇ ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، نۆۋەتتە ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىدۇ. ناھىيەلىك (شەھەرلىك ، رايونلۇق ) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بەدەن تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتە لاياقەتلىك بولغانلارنى ئەسكەرلىككە ئالدىن بەلگىلەپ، «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئالدىن بەلگىلەنگەن ئەسكەرلىك ئۇقتۇرۇشى» تارقىتىدۇ؛ 2-باسقۇچ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ. ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋە نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار، بۇرۇن مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا ھەر دەرىجىلىك ھەربىي مەجبۇرىيەت خىزمىتى ئورگانلىرى، مائارىپ تارماقلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش، قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش، ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، ماگىستىرلىققا ئىمتىھان بەرگەنلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىش، ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ۋە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كورسقا چىققانلارغا پىلاننى ئايرىم تۈزۈش، ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ قايتا ئوقۇشقا كىرىپ كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئېتىبار سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرگە ئېتىبار بېرىش پۇلىنى بىر تۇتاش پىلانلاش تۈزۈمى، ھەربىي سەپتىن قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى ئەسكەرلەرنى مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش، كەسپىي ئورۇنلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە كىرىشىگە ئىلھام بېرىش يېڭى سىياسىتى ۋە يېڭى تەدبىرلىرىنى ئاكتىپ ئىزدىنىپ يولغا قويۇش تەكىتلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر