باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ SS7 يېڭىئۆستەڭ مۇسابىقە بۆلىكى ئېغىر قۇم-بوران زەربىسىگە ئۇچرىدى

2016.05.25 15:06   مەنبە: خەلق تورى

تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ SS7 يېڭىئۆستەڭ مۇسابىقە بۆلىكى ئېغىر قۇم-بوران زەربىسىگە ئۇچرىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ماي، ماڭگو خۇيۈ 2016-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارالىق) راللى مۇسابىقىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى تۇنجى قۇملۇق مۇسابىقە بۆلىكى-ئۇمۇمىي ئۇزۇنلىقى 234 كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭىئۆستەڭ مۇسابىقە بۆلىكىنى كۈتۈۋالدى. يېڭىئۆستەڭ مۇسابىقە بۆلىكى بولسا تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىدىكى بىردىنبىر ئەڭ تىپىك بولغان مۇسابىقە بۆلىكى. تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 2016 ـ يىلى يەنە يېڭىئۆستەڭگە قايتىپ كەلدى. ئەمما، ئويلىمىغان يەردىن مۇسابىقە باشلىنىپلا كۈچلۈك قۇم - بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، مۇسابىقىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى.

  بۇ مۇسابىقە بۆلىكىدە ماھىرلار ئېزىتقۇغا ئوخشاش قومۇشلۇق ۋە توغراقلىقلاردىن كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، يول باشلاش ئىنتايىن مۇھىم، سەللا دىققەت قىلىنمىسا يەنە ئەسلىدىكى يولغا قايتىپ كېلىشى، ئېگىز قۇم بارخانلىرى ئارىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ پېتىپ قېلىش ئەھۋالى ھەر ۋاقىت يۈز بېرىشى مۇمكىن. جۇ يۇڭ قاتارلىق جۇڭگونىڭ داڭلىق ماھىرلىرى ئىلگىرى بۇ يەردە مەغلۇپ بولۇپ قايتىپ كەتكەن بولۇپ، «ھالاكەت مۇسابىقە بۆلىكى» دەپ ئاتالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇ…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر يىلى 3-ئاي ۋە…
    ·ئېلىمىزدە سەنئەت ساھەسىدە ماگىستىر تەربىيەلەش ئورنى 200 دىن ئاشتى
    ·مەملىكەت بويىچە يەنە 73 ساختا ئالىي مەكتەپ ئاشكارىلاندى
    ·شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىككى ئادەتتىكى كەسپىي ئالىي مەكتەپ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…
    ·20 ئۆلكە ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەنگە ئا…
    ·«13ـ بەش يىل»دا ئاپتونوم رايونىمىز باشلانغۇچ مەكتەپ (بالىلار باغچىسى)كە ھەر يىلى نىشانلىق ھەقسىز تە…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە كەسپىي ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 360…
    ·دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 240 مىليون يۈەن…
    ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …