باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن ناھىيەسى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 442 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى

2016.05.25 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى) چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ يېقىندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 463 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ، 442 مىڭ يۈەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ تىرىشىپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى .

  ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى ئارزۇگۈل رەجەپ مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن 2000 يۈەن ئۇقۇش ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بەك خوش بولدۇم، بۇ ئۇقۇش ياردەم پۇلى بىلەن ئائىلەمنىڭ يۈكى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلەيدىغان بولدى، مەكتەپ رەھبەرلىكىگە كۆپ رەھمەت. مەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمنىڭ ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياخشى نەتىجەم بىلەن ئۇلارنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمەن .

  ئىگىلىنىشىچە، چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ 2010-يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى 3150 كە، تارقىتىلغان ئومۇمىي ئوقۇش ياردەم پۇلى 3 مىليون 642 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر