باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش تارماق: ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېنتىرنېت تورىدا لاتارىيە سېتىش قىلمىشلىرى قاتتىق تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، دېدى

2016.05.25 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ماي، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، لاتارىيە ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مالىيە مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئالدىنقى كۈنى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، لاتارىيە تارقىتىش، سېتىش ئورگانلىرى، تور شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېنتىرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ لاتارىيە سېتىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن لاتارىيە سېتىش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  بەش تارماق بىرلىكتە تارقاتقان «ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېنتىرنېت تورىدا لاتارىيە سېتىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، ئېنتىرنېت تورىدا لاتارىيە سېتىشتا چوقۇم لاتارىيە تارقىتىش ئورگانلىرى قۇرغان ئېنتىرنېت تورىدا لاتارىيە سېتىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدىن ئۆتۈشى، دەرقەملىك نازارەت قىلىنىشى كېرەكلىكى؛ پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى ۋە تەنتەربىيە لاتارىيە بېلىتىنى تارقىتىش ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈشى ھەم تەرتىپ بويىچە تەستىقلاشقا سۇنغاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويۇشى لازىملىقى، تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېنتىرنېت تورىدا لاتارىيە سېتىشقا بولمايدىغانلىقى ئېيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر