خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام ئۇلۇغ خەۋىرى، فوتوسى) 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار باشقۇرۇش رايونى ئېقىنبۇيى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ، ئەل رايىنى مۇجەسسەملەيلى» باش تېمىسىدىكى ئۇيغۇر-خەنزۇ ئاممىسى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، قوشماق بولۇپ، چوڭقۇر دوستلىشىش، ئۆئارا سوۋغات بۇيۇملىرى تەقدىم قىلىش، بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش، قوش تىلدا ناخشا-ئۇسسۇل، ئىتوت قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق نومۇرلارنى ئورۇنلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى -تەرەققىياتى يىلى» پائالىيىتى خىزمىتىدىكى يارقىن نۇقتىلارنى ھەر مىللەت ئاممىسىغا چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
سۈرەتتە: 23-ماي، ئېقىنبۇيى كەنتىدە ئېلىپ بېرىلغان«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى» بويىچە يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى