باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«گۈزەللىك ئەلچىلىرى»نىڭ ئەھمىيەتلىك يىغىلىشى

2016.05.25 16:25   مەنبە: خەلق تورى

«گۈزەللىك ئەلچىلىرى»نىڭ ئەھمىيەتلىك يىغىلىشى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) دۇنيادا گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان، گۈزەللىككە تەلپۈنمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. تۇغما گۈزەللىك ھەقىقەتەن كىشىنىڭ لاتاپىتىنى ئاشۇرىدۇ، دۇنيادا كۆرۈمسىز كىشىمۇ پەقەت ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلالىسىلا، باشقىلارغا گۈزەللىك بېغىشلىيالايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، رايونىمىزدىكى خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان «گۈزەللىك ئەلچىلىرى» يېقىندا ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  5-ئاينىڭ 20-كۈنى مەملىكەتلىك «گۈزەللىك ئەلچىلىرى» بايرىمى بولۇپ، 2008-يىلىدىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بۇ ساھەدىكى پەردازچى، ساتىراش، تىرە ئاسراش قاتارلىق بەدەن گۈزەللىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇستىكار ۋە شاگىرتلار جەم بولۇپ، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە كەسپىي مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلىپ، يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانىدى. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇزلىيە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى «ئۇزلى گۈزەللىك قۇتۇبى كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش بازىسى» شىنجاڭدىمۇ بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇپ، ئۆز ئەجىر- مېھنىتى، ھالال ئەمگىكى، گۈلدەك ھۈنىرى بىلەن ياشاۋاتقان «گۈزەللىك پەرىشتىلىرى»نى كەڭ خەلق ئاممىسىغا نامايان قىلىش مەقسىتىدە «گۈزەللىك قۇتۇبىغا جەم بولۇپ، گۈزەللىك ئەلچىلىرى بايرىمىنى تەبرىكلەيلى» تېمىسىدا دالا پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى .

  بىزدە بۇرۇندىن ھۈنەرۋەن-كاسىپلار ئەزىزلىنىپ كەلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەر بىر پەرزەنتىنى چوقۇم بىر ھۈنەرلىك قىلىپ تەربىيەلىگەن. ھازىر زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىزدىكى ھۈنەر-كەسىپلەرمۇ زامانىۋىلاشتى. بۇرۇنقى پەقەت چاچ-ساقال ياساش بىلەنلا چەكلىنىدىغان ساتىراشلىق كەسپى كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل پاسوندا چاچ ياسايدىغان، پەرداز قىلىدىغان، يۈز ۋە بەدەن تېرىلىرىنى ئاسراپ يۇمران تېرە، راھەت بەدەنگە ئىگە قىلىدىغان كەسىپ بولۇپ تەرەققىي قىلدى. بۇ كەسىپمۇ بىزدە ناھايىتى تېز ئومۇملىشىپ، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەل ھۈسنى، يىگىتلىرىمىزنىڭ سالاپىتىگە تېخىمۇ ھۈسىن قوشتى. بۇ كەسىپ نۇرغۇن قىز-يىگىتلىرىمىزنى زامانىۋى ھۈنەر، يېڭى ئىش ئورنى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا كۈرۈنەرلىك رول ئوينىدى. ھازىر «گۈزەللىك سالونلىرى» تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان، مۇھىم بازارلىق «سالونلار»نىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  بۇ قېتىمقى دالا پائالىيىتىگە ئۇزلىيە گۈزەللىك قۇتۇبىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى «گۈزەللىك بېكەت»لىرى مەسئۇللىرى ۋە دىيارىمىزدىكى نوپۇزلۇق ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش سالونلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى قاتنىشىپ، ئۆز ئارا ھەمسۆھبەتتە بولدى، ئۆز ئارا ئۆگەندى، تەجرىبە ئالماشتۇردى. ئۇلار يەنە پىسخىكا مەسلىھەتچىسىنىڭ گۈزەللىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كەسپىي خادىملار ھازىرلاشقا تېگىشلىك كەسپىي ساپا، پىسخىك ساغلاملىق توغرىسىدا لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز كەسپىگە بولغان ئىشتىياقى ھەم ھۆرمىتى ئاشتى.

  ئۇلار ئۆزلىرى تەييارلىغان «گۈزەللىك مارشى»نى دىكلاماتسىيە قىلىش ، شېئىر، نەسىرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق، بارلىق گۈزەللىك ئەلچىلىرىنىڭ يۈرەك سادالىرىنى ياڭراتتى.

  شىنجاڭ ئۇزلىيە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى گۈلزىيە مۇنداق دېدى: مەن بۇ بايرامنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولغان ئىدىم، شۇڭا دىيارىمىزدىمۇ «گۈزەللىك ئەلچىلىرى»گە روھىي ئوزۇق بېرىش مەقسىتىدە، تۇنجى بولۇپ بۇ بايرامنى ئۆتكۈزدۈم. مەن بۇ كەسىپكە قەدەم قويغاندا ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ھەم كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان، بۇ قىسمەتكە مۇشۇ كەسىپنى تاللىغان نۇرغۇن ئاچا -سېڭىللارمۇ دۇچار بولغان. شۇنداق بولسىمۇ، گۈزەللىككە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بىزنى يەنىلا مۇشۇ كەسىپنى تاللاشقا ئۈندىدى. شۇڭا دىيارىمىزدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ بىزنىڭ كەسىپىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى ھەم قوللىشىنى، «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق سۈيى گۈزەل، تۇپرىقى گۈزەل، ئادەملىرى تېخىمۇ گۈزەل، تىنچ، ئىتتىپاق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئارزۇيىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇ…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر يىلى 3-ئاي ۋە…
    ·ئېلىمىزدە سەنئەت ساھەسىدە ماگىستىر تەربىيەلەش ئورنى 200 دىن ئاشتى
    ·مەملىكەت بويىچە يەنە 73 ساختا ئالىي مەكتەپ ئاشكارىلاندى
    ·شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىككى ئادەتتىكى كەسپىي ئالىي مەكتەپ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…
    ·20 ئۆلكە ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەنگە ئا…
    ·«13ـ بەش يىل»دا ئاپتونوم رايونىمىز باشلانغۇچ مەكتەپ (بالىلار باغچىسى)كە ھەر يىلى نىشانلىق ھەقسىز تە…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە كەسپىي ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 360…
    ·دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 240 مىليون يۈەن…
    ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …