خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» ئىشخانسىدىن گۈلبوستان مەمەت، ئابدۇراخمان ياسىن خەۋىرى) ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن قاراتال بازىرىنىڭ تۆۋەنكى بوزچى كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاپتونوم رايوننىڭ 34-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيىنى خاتىرىلەپ، كەنتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
پائالىيەتتە، خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەم كەنتنىڭ ئىككى كومىتېتىدىكى كادىرلار ۋە كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامى»، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بۇلۇش» تىن مەخسۇس ئۆگىنىش قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتتىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان دېھقانلار، ۋاپادار كېلىن، كۈيئوغۇلنى مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنى كەنتتە داۋاملىق ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىپ، ياخشى كەيپىيات يارتىشقا رىغبەتلەندۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى