خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جاۋ خوڭگۇاڭ باغدا ئەمگەك قىلماقتا. (5-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان). «قىزىل غوجايىن»نى تونۇيدىغان، تونۇمايدىغانلار بولسۇن ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىر پارچە ئاق ھۆججەت يېزىپ بارمىقىنى بېسىپ، پۇل سوممىسىنى يازسىلا دەرھال پۇل ئالالايدۇ، ئۆسۈم ئېلىنمايدۇ، قاچان پۇل تاپسا شۇ چاغدا قايتۇرسا بولىدۇ. ئەتراپىتىكى ھەرمىللەت يۇرتداشلار قىيىنچىلىق بولسىلا «قىزىل غوجايىن»نى ئىزدەشنى، ئۇنىڭ چوقۇم ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسىدا جاۋ خوڭگۇاڭنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى «قىزىل غوجايىن» دەپ چاقىرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئىسمىدا قىزىل (خوڭ) دېگەن خەتنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ 20 يىلدىن بۇيان نامراتلارغا ياردەم بېرىپ، كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشقا يېتەكلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. يۇرتداشلار ئۇنىڭدا قىپقىزىل بىر يۈرەك بار، دېيىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى