باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گىرېتسىيە چېگرا رايوندا تۇرۇپ قالغان مۇساپىر ۋە كۆچمەنلەرنى يۆتكەشكە باشلىدى

2016.05.25 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى 24-ماي، گىرېتسىيەنىڭ ماكېدونىيە بىلەن چېگرالىشىپ تۇرىدىغان ئىدومەينى رايونىدا تەدبىر قوللىنىپ، شۇ جايدا تۇرۇپ قالغان مۇساپىلەر ۋە كۆچمەنلەرنى ھۆكۈمەت بېكىتكەن مۇساپىرلارنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىگە يۆتكەشكە باشلىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  گىرېتسىيە مۇساپىرلار ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئىدومەينى رايونىدا تۇرۇپ قالغان مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىگە يۆتكەش ھەرىكىتى ھەربىي ئىشلار تۈسىنى ئالمىغان بولۇپ، گىرېتسىيەمۇ قۇرال ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئىدومەينى رايونىدا تۇرۇپ قالغان مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرنى چېكىندۈرۈش ھەرىكىتى ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان بولۇپ، بۇ ھەپتە داۋاملىق ئىلىپ بېرىلىدۇ. پىلانىمىزغا ئاساسەن، بۇ ھەرىكەت بۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ يەنە، بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ، چېكىندۈرۈش ھەرىكىتى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى ۋە كىشىلەرنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېگەن خەۋەرلىرىگە رەددىيە بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر