باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن، رۇسىيەنىڭ خەلقئارالىق ماسلىشىش ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.05.25 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 24-ماي 7- نۆۋەتلىك بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەرنىڭ خەلقئارا يىغىنىغا قارشى ئىلىش سۆزى ئەۋەتىپ، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ خىل ماسلىشىشنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئاساسىدا بولسىمۇ، شۇنداقلا كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ئىلىپ بېرىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى ئېچىلىش مۇراسىمىدا پۇتىننىڭ تەبرىك سۆزىنى ئوقۇت ئۆتتى، تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېيىلدى: تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك، دۆلەت ھالقىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش، قانۇنسىز كۆچمەنلەر، زەھەر سودىسىغا زەربە بېرىش ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق جىددىي ۋەزىپىگە يولۇقماقتا، خەلقئارا جەمئىيەت يەر شارىغا خېرس ئىلىپ كېلىۋاتقان ۋە تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ ئىشتا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە بىردەك مەيداننى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  75دۆلەتنىڭ ۋەكىلى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى بۇ نۆۋەتلىك بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەرنىڭ خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر