باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلار يىغىنى يىپىلدى

2016.05.25 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلار يىغىنى 24-ماي تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدا يېپىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون، يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر بىلەن 1500 تۈرلۈك ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  بان كېمون مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتىنىڭ نىشانى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار تىرىشچانلىقىنى قوللاشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ يىل 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش ئورگىنىدا مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلار يىغىنى بان كىموننىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ئېچىلغان. ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئالدىنى ئىلىش ۋە توقۇنۇشنى ھەل قىلىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پۇقرالارنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر