- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا سارىيىنىڭ «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» كۆچمە كارۋان ئاپتوموبىلىنىڭ «ئۈچ دەرىجىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت» سەييارە كۆرگەزمىسى شايار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى
2016.05.25 16:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: پەرھات مىجىت، كېرەمجان ھىمىت خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا سارىيىنىڭ «ئىلىم - پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» كۆچمە كارۋان ئاپتوموبىلىنىڭ «ئۈچ دەرىجىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت» سەييارە كۆرگەزمە ئەترىتىدىكىلەر يېقىندا شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرى پاشالىق كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىم- پەنگە يېقىنلىشىش، ئىلىم - پەن ئىگىلەش، ئىلىم - پەن ئۆگىنىش مەزمۇنىدا ئىلىم- پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى .
پائالىيەت نەق مەيدانىدا كەنت ئاھالىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىلىم - پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسۋابلىرى، مودېللار، جانلىق پەن - تېخنىكا كۆرگەزمىسى، پەن - تېخنىكا بىلىملىرى ئارقىلىق پەن- تېخنىكىنىڭ سىرلىق كۈچىگە بولغان نەزەر دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تۇيغۇسى ۋە ئىلىم - پەن بىلىملىرى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . بۇ قېتىمقى سەييارە كۆرگەزمىنى يېڭىمەھەللە بازىرىدىكى 2000 غا يېقىن ھەر مىللەت ئامما ۋە ئوقۇغۇچى كۆردى .
شايار ناھىيەلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەي رۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئامما ۋە ياشلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن - تېخنىكىنى ئىگىلەپ خۇراپاتلىق ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تۇيغۇسى ۋە ئىلىم - پەن بىلىملىرى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، ئۇلارنىڭ ئىلىم - پەنگە ئەھمىيەت بېرىش، ئىلىم - پەننى سۆيۈش، ئىلىم - پەننى ئىشلىتىش، ئىلىمىي تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر