باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

غەيرەت بولسا ئادەمدە، گۈل ئۈنىدۇ قەدەمدە

2016.05.25 16:29   مەنبە: خەلق تورى

غەيرەت بولسا ئادەمدە، گۈل ئۈنىدۇ قەدەمدە

  سۈرەتتە: ئابلەتجان ئەخمەت مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: نىياز راھمان خەۋىرى) بەزىدە تەقدىرنىڭ ئادەملەرگە قىلىدىغان چاقچىقى تولىمۇ قاتتىق، تولىمۇ تاسادىپىي بولىدۇ. 1989-يىلى ئابلەتجان ئەخمەت 11 ياشقا كىرگىنىدە، تەقدىر ئۇنىڭغا تولىمۇ ئېغىر چاقچاق قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ مەزمۇت تۈۋرۈكى، پەرزەنتلەرنىڭ يۆلىكى بولغان دادىسىنى ئۇ ئالەمگە بالدۇرلا ئېلىپ كېتىپ، ئانا ۋە پەرزەنتلەرنىڭ يۈرىكىنى مەڭگۈلۈك داغدا قويدى. ئابلەتجان ئەخمەت شۇنىڭدىن كېيىن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، ئانىسى بىلەن ئىككى سىڭلىسىنى بېقىش ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىۋېلىپ، گاھ ياغاچچىلىققا، گاھ تامچىلىققا شاگىرتلىققا كىرىپ، ھايات سىناقلىرىدا ئۈزلۈكسىز تاۋلاندى... بۈگۈنكى كۈندە ئۈچ شىركەتنىڭ دىرېكتورى، بىر دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلىغا ئايلانغان ئابلەتجان ئەخمەت يېزىلاردىكى 1600دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ باياشات، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىغا باشلىدى.

  مەن يېقىندا ئابلەتجان ئەخمەتنىڭ كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھىشباغ يېزىسىدىكى «گۈل رۇخساي» كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىگە بارغىنىمدا، ئۇ تىككۈچىلىك سېخىنى ئايلىنىپ، كىيىملەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈۋاتقانىكەن. تاملارغا ئېسىۋېتىلگەن رەڭدار كىيىم-كېچەكلەر، ئالدىراش كىيىم تىكىۋاتقان خانىم-قىزلار بىلەن بۇ تىككۈچىلىك سېخى خۇددى رەڭدار گۈلباغقىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

  ـ مەكتەپتە ئوقۇش ئىشتىياقىم شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، چوڭ بولغاندا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ياخشىراق خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئاتا-ئانامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئويلايتتىم. بىراق 11 يېشىمدا دادامدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئانامنىڭ ئىككى مو تېرىلغۇ يەرگە تايىنىپ، بىز ئۈچ بالىنى ئوقۇتالمايدىغىنىغا كۆزۈم يېتىپ مەكتەپتىن چىقىۋالدىم ۋە 1990-يىلى 12 يېشىمدا مەھەللىمىزدىكى بىرسىگە ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا كىردىم، − دېدى ئابلەتجان ئەخمەت ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ، − ياغاچچىلىق كەسپىنى شۇنچە ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن بولساممۇ، بىراق ئۇستام ئىشلىگىنىمگە چۇشلۇق ھەق بەرمىگەچكە، ئىشلەپ ئائىلىمىزدىكى ئۈچ جاننى بېقىش ئۈمىدىم يوققا چىقتى. ئامالسىز 14 يېشىمدا تامچىلىققا شاگىرتلىققا كىردىم. ئېغىر ئەمگەك ۋىجىك بەستىمنى ئەگكەندىمۇ زادىلا ۋايسىمىدىم، چۈنكى مەن بىر كۈن تامچىلىق قىلىپ ئۈچ يۈەن پۇل تاپالىغىنىمدىن، تاپقان پۇلۇم بىلەن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى قامدىيالىغىنىمدىن رازى ئىدىم.

  ئابلەتجان ئەخمەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىرنەچچە يىل تامچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇستا تامچى بولۇپ يېتىشىپتۇ. كېيىن بىرنەچچە ياش بىلەن ھەمكارلىشىپ تامچىلىق ئەترىتى تەشكىللەپ، بېھىشباغ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆتۈرە ئېلىپ سېلىشقا باشلاپتۇ، بارا-بارا تامچىلىق ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كۆپىيىپ 22گە يېتىپتۇ. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۇ 2012-يىلى بېھىشباغ يېزىسىدىكى 22 تامچىلىق ئەترىتىنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىپ كېڭىشىش ئارقىلىق، بېھىشباغ يېزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپتۇ.

  ـ تارقاق تامچىلىق ئەترەتلىرىنى يىغىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، قۇرۇلۇش ھالقىلىرىدىكى تەرتىپ-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئىشتا يارىلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق، كوپىراتىپ ئەزالىرىغا ئىشلىگىنىگە قاراپ ھەق بەردۇق. نەتىجىدە كوپىراتىپ قۇرۇلغان تۇنجى يىلىلا بازىرىمىزدىكى 350 كىشى كوپىراتىپقا ئەزا بولدى، شۇ يىلى 520 ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ھۆددە ئېلىپ، قۇرۇلۇشلارنى دېگەن قەرەلىدە سۈپەتلىك تاماملىدۇق. نەتىجىدە كوپىراتىپ ئەزالىرى تۇنجى يىلى ئوتتۇرىچە 12 مىڭ يۈەندىن كىرىم قىلدى. بۇلتۇرغىچە كوپىراتىپىمىزغا ئەزا بولغان تامچىلىق ئەترىتى 43كە، كوپىراتىپ ئەزالىرى 1500گە، ئىشلەمچىلەرنىڭ تامچىلىقتىن قىلغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 17 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ھۆكۈمەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنى 50 مىڭ يۈەن تەربىيەلىنىش مەبلىغى بىلەن تەمىنلىدى. نەتىجىدە 1500 ئىشچىنىڭ 500ى تەربىيەلىنىپ، تامچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئالدى. ھازىر بېھىشباغ يېزىسىدىلا ئەمەس، ناھىيەدىكىمۇ چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ھۆددە ئېلىپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتىمىز، − دېدى ئابلەتجان ئەخمەت ھاياجان بىلەن.

  گەپ ئارىلىقىدا مەن «گۈل رۇخساي» كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ پايپاق زاۋۇتىغا كىردىم. پايپاق زاۋۇتىنىڭ سېخىدىكى 20 پايپاق توقۇش ماشىنىسى ئاپتوماتىك پايپاق توقۇۋاتقان بولۇپ، بىر ئىشچى ماشىنىلارنىڭ نورمال يۈرۈشىشىنى نازارەت قىلىۋېتىپتۇ. بۇ ئىشچىنىڭ دېيىشىچە، توقۇلۇۋاتقان زاكاز پايپاقلار ئالاقىدار شىركەتلەرگە توپ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  ـ كىيىم-كېچەك، پايپاق زاۋۇتىغا 2 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدىم. بۇ زاۋۇتلاردا بازىرىمىزدىكى 50 دېھقان ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ يىل يىل بېشىدا «كۆسەنبەگ» سودا چەكلىك شىركىتىنى تىزىملىتىپ قۇردۇم. ئاساسلىقى «كۆسەنبەگ» ماركىسىدىكى كىيىم-كېچەك، پايپاقلارنى ئىشلەپچىقارماقچى بولۇۋاتىمىز. زاۋۇتىمىز ئىشقا كىرىشسە يەنە 100 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايمىز،-دېدى ئابلەتجان ئەخمەت ئىشەنچ بىلەن.

  ئابلەتجان ئەخمەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇلتۇر ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قارىمىقىدا ئىشىك-دېرىزە زاۋۇتى قۇرۇپتۇ، قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك ئىشىك-دېرىزە، پولات چىۋىق قاتارلىقلار مۇشۇ زاۋۇتتىلا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. 15 دېھقان ياش مەخسۇس تەربىيەلىنىپ، بۇ زاۋۇتقا ئىشقا چۈشۈپتۇ. ئابلەتجان ئەخمەت بۇلتۇر يەنە كۇچا «ھەممىباب» سودا چەكلىك شىركىتىنى تىزىملىتىپ قۇرۇپتۇ. بۇ شىركەت يېزا-بازارلاردىكى دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆي قۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى مۇلازىمەت، سۇ، توك، پار ئەسلىھەلىرىنى سېتىش، ئورنىتىش، رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ شىركەتكە 42 دېھقان ياش ئىشقا ئورۇنلىشىپ، دېھقانلارنى ئېتىبارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋېتىپتۇ.

  ـ 2011-يىلىدىن بۇرۇن تامچىلىق ئەترىتىم بىلەن ئۆز ئالدىمغا ئۆي سالاتتىم. 2012-يىلى بېھىشباغ يېزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغىنىمدىن كېيىن ئابلەتجان قۇرۇلۇشنى بىر تۇتاش ئۇقۇشۇپ بېرىدىغان، بىز ئۆي سېلىشقا مەسئۇل بولىدىغان بولدۇق. قۇرۇلۇش مىقدارى ئاشقاندىن كېيىن ھازىر تەبىئىيلا كىرىمىمىزمۇ ئېشىپ، ھەمكارلىقنىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتىمىز. شىركەت مېنى ئۈرۈمچىدە كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئۈچ ئاي تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتى، − دېدى ئابلا راخمان ئىسىملىك يىگىت بىزگە، − ئابلەتجان ئەخمەت ئۆزى نامراتلىقنىڭ دەردىنى باشتىن كەچۈرگەچكىمۇ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇلتۇر ئابلەتجاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بوستان 2-كەنتىدىكى سەمەت داۋۇت ئائىلىسىگە ئەمىن ئۆي سېلىپ بەردۇق. سەمەت داۋۇتنىڭ ئۆزى ئەما، ئۈچ قىزى تېخى كىچىك، خوتۇنىنىڭ نېرۋىسى ئاجىز، ئائىلىسى نامرات ئىدى. 45 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ 60 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆينى ھەقسىز سېلىپ بەرگىنىمىزدىن كېيىن ئۇلار يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ ئىنتايىن خۇش بولدى. ئىشقىلىپ ئابلەتجاننىڭ بۇنداق ساخاۋەتلىك ئىشلىرى نۇرغۇن.

  ئۇقۇشىمىزچە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئابلەتجان ئەخمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مائارىپ فوندى تەسىس قىلىپ، يىلدا 40 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كىيىم-كېچەك، ئوقۇش قوراللىرى يەتكۈزۈپ بېرىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن سىرت يىلدا 30 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، قىيىنچىلىقى بار، ئېغىر كېسەل دېھقانلاردىن ھال سوراپ كېلىۋېتىپتۇ.

  ـ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە بۈگۈنكىدەك باياشات كۈنلەرگە ئۇلاشتىم، شۇڭلاشقىمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە شىركەتلەرنىڭ ئىگىلىكىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، نامرات دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇمەن. نامراتلارنى چىدام، غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ نامراتلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ باياشات، بەختىيار ئەتىنى ئىككى قولىغا تايىنىپ يارىتىشقا يېتەكلەيمەن، − دېدى ئابلەتجان ئەخمەت زىيارىتىمنىڭ ئاخىرىدا.

  مەن ئۇنىڭ جاسارەتلىك ۋۇجۇدىدىن ئۇرغىغان سەمىمىي، مەردانە سۆزلىرىدىن بېھىشباغ يېزىسىدىكى نامراتلارنىڭ بەختىيار كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇ…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر يىلى 3-ئاي ۋە…
    ·ئېلىمىزدە سەنئەت ساھەسىدە ماگىستىر تەربىيەلەش ئورنى 200 دىن ئاشتى
    ·مەملىكەت بويىچە يەنە 73 ساختا ئالىي مەكتەپ ئاشكارىلاندى
    ·شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىككى ئادەتتىكى كەسپىي ئالىي مەكتەپ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…
    ·20 ئۆلكە ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەنگە ئا…
    ·«13ـ بەش يىل»دا ئاپتونوم رايونىمىز باشلانغۇچ مەكتەپ (بالىلار باغچىسى)كە ھەر يىلى نىشانلىق ھەقسىز تە…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە كەسپىي ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 360…
    ·دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 240 مىليون يۈەن…
    ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …