باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇلتۇر ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى دېلوسىدىن 301 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2016.05.26 10:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 301 ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى دېلوسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ،، 320 مىڭ يۈەنلىك 4916 قۇتا (تال، بوتۇلكا) ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى مۇسادىرە قىلىنغان.

  24-ماي، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 15ى بار ئىكەن. دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ «دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى مەھسۇلات ئىجازەتنامىسى» ئالمىغان، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى يوق ياكى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىگە يەتمىگەن كارخانىلارغا بىردەك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى بېرىلمەيدىكەن.

  2015-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 390 ئادەم ( قېتىم ) تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ساغلاملىق يېمەكلىكى ۋە ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلاردىن 31نى تەكشۈرگەن، ئىككى كارخانىنى قانۇن بويىچە چەكلىك مۇددەتتە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغان؛ ئىككى كارخانا ۋە ئىككى تۈركۈم (قېتىم) مەھسۇلاتنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە بىر تۈركۈم مەھسۇلات لاياقەتسىز چىققان بولۇپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر