باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قېرىنى سالماسلىقتەك ئېسىل خىسلەت ـــ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنى نامايان قىلدى

2016.05.25 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: پەرھات مىجىت، رىزۋانگۈل راخمان خەۋىرى) ئاقسۇدىن شىركەتنىڭ كەسپىي ئىشلىرىنى بېجىرگىلى شايار ناھىيەسىگە كەلگەن سودىگەر جاڭ جاڭپو شاياردا ۋاقىتلىق تۇرۇش جەريانىدا، دېققەتسىزلىكتىن 16 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە بىر دانە 200 مىڭ يۈەنلىك تالون، كىملىك، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، بانكا كارتىسى قاتارلىق بۇيۇملار سېلىنغان سومكىسىنى يوقىتىپ قويۇپ جىددىيلىشىپ تۇرغاندا، ياخشى نىيەتلىك بىر دېھقان ئايال سومكىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەردى.

  5- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئەتىگەندە تويبولدى بازىرى يېڭىباغ كەنت كومىتېت كادىرى جاڭ جاڭپو بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا يىتتۈرۈپ قويغان سومكىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېيتتى. ئەسلىدە بۇ كەنتتىكى سۈت ساتىدىغان دېھقان ئايال مەريەم نۇرى بۇ سومكىنى تېپىۋېلىپ، كەنت ساقچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىكەن . ساقچىلار توردا ئىزدەش ۋە كۆپ تەرەپلىك سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان .

  تويبولدى بازىرى يېڭىباغ كەنت ساقچىخانىسى ئۆزىنىڭ يىتتۈرۈپ قۇيغان سومكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەم سومكا ئىچىدىكى نەق پۇل، تالون، كىملىك قاتارلىقلارنىڭ ئۆز پىتى تۇرغانلىقىنى كۆرگەن جاڭ جاڭپو ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى تەسىرلەنگەن ھالدا مەريەمگە رەھمەت ئېيتىپ ھۆرمەت بىلدۈردى .

  سومكا ئىگىسى جاڭ جاڭپو مۇنداق دېدى : سومكا ئىچىدىكى نەق پۇل، تالون، كىنىشكا، كارتا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بىرىمۇ كەم ئەمەسكەن ، نەق پۇلمۇ تولۇق ئىكەن. بۇ سومكا ئىچىدىكى نەق پۇل چوڭ مەسىلە بولمىسىمۇ، بىراق 200 مىڭ يۈەنلىك تالون ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. كىملىك تېپىلمىغان بولسا يۇرتۇمغا بېرىپ تولۇقلاپ بېجىرىشىمگە توغرا كېلەتتى، ئۇ چاغدا خىزمىتىمگە چوڭ تەسىر يېتەتتى.

  رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن جاڭ جاڭپو مەريەمگە لەۋھە تەقدىم قىلدى، نەق مەيداندا 1000 يۈەن پۇل بەردى. مەريەم لەۋھەنى قوبۇل قىلدى، ئەمما 1000 يۈەن پۇلنى قوبۇل قىلماي قايتۇرۇۋەتتى.

  مەريەم نۇرى مۇنداق دېدى: بۇ سومكا مەيلى كىمنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنىلا ئويلىدىم. مەريەم نۇرىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى يەتتە جان نوپۇسنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ئۇنىڭ ئىككى تۇياق ئىنىكىنىڭ سۈتىگە قاراشلىق ئىدى. ھەركۈنى سەھەر سائەت 5 دە مەريەم نۇرى ئىنەكنى سېغىپ سۈتنى قاچىلاپ، ئۆي - ئۆيلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئايدا ئاران 3000 يۈەن كىرىم قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ تېپىۋالغان بۇ نۇرغۇن پۇلنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنى ئويلىماي، پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش قارارىغا كەلگەن.

  جاڭ جاڭپو ئۆزىنىڭ يىتتۈرۈپ قويغان سومكىسىنى قايتۇرۇپ كېلىپلا قالماستىن، بىر ئۇيغۇر بىلەن تۇغقان بولدى. مەريەمنىڭ ئۆيىدە ئىككىيلەن ئۆزئارا ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  سومكا ئىگىسى جاڭ جاڭپو مۇنداق دېدى: مەريەم ئانىنىڭ ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قېرىنى سالمايدىغان، باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان روھى مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. مەن مەريەم ئانىدىن ئۆگىنىپ، مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى خەنزۇ بولسۇن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆز- ئارا ياردەم بېرىپ ئىناق ئۆتىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر