خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 23-كۈنى چەرچەن ئۈمىد نۇرى ساخاۋەتچىلىكى، بىلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللېكتىپى، مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ 2016-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى جۇڭگو دالا يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسى شىنجاڭ بېكىتى مۇسابىقىسىنىڭ چەرچەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان 7-بۆلەك مۇسابىقىسىگە قاتناشقىلى كەلگەن ماھىرلاردىن ھال سوراپ، ئەلغىزا چاي- تائاملىرى ئاشخانىسىدا ئەر ماھىرلارغا دوپپا، ئايال ماھىرلارغا شارپا سوۋغا قىلدى ھەم مېھىر تائاملىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسىىگە مەدەت بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى