خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: پولات نىياز خەۋىرى) 2016-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى جۇڭگو دالا يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ بېكىتى مۇسابىقىسى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى قاڭشاريانتاقتىكى ھالاكەت يولى دەپ ئاتالغان 176 كىلومېتىر مۇساپىلىق 7- بۆلەكتە 24-ماي سەھەر سائەت 5:30 دا رەسمىي باشلاندى. بۇ بۆلەكتىكى مۇسابىقىگە سەككىز موتوسىكلىت، 80 ئاپتوموبىل قاتناشتى، بۇ مۇسابىقە بۆلىكى 11 مەيدان مۇسابىقە بۆلىكى ئىچىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ماھىرلاردىن ئالاھىدە تېخنىكا ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان، ئەڭ خەتەرلىك مۇسابىقە بۆلىكىدۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى