باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەقدىم قىلىنغان ئادەم ئەزالىرىنى يۆتكەپ توشۇش يېشىل يولى ئېچىلدى

2016.05.26 10:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە «قول تۇتۇشۇپ، تەقدىم قىلىنغان ئادەم ئەزالىرىنى يۆتكەپ توشۇش يېشىل يولىنى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامە»نى بىرلىكتە ئىمزالىدى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدە خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئارقىلىق تەقدىم قىلىنغان ئادەم ئەزالىرىنى يۆتكەپ توشۇش تۇنجى يېشىل يولى رەسمىي ئېچىلدى.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى مەخسۇس 24 سائەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تېلېفونى ئاچتى ھەم ئىككى يۈرۈش ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە ئەزالارنى توشۇپ يۆتكەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەرتىپى تۈزۈپ چىقتى،

  بىرىنچى، يولۇچىلار مۇددەتتىن بۇرۇن جىددىي ئەھۋال تېلېفونى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچى، يولۇچى رەسمىيەت بېجىرىش نەق مەيدانىدا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىقى ۋە ئايرودۇرۇم، ھاۋا يولىنى باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىلەن تەقدىم قىلىنغان ئادەم ئەزالىرىنى يۆتكەپ توشۇش يېشىل يولى توغرىسىدىكى ئالاقىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، يېشىل يولنىڭ قولايلىق، راۋان بولۇشىغا، ئايروپىلاننىڭ دەل ۋاقتىدا ئۇچۇشىغا، ئالدىن يول بېرىشكە، تېزدىن ئايروپىلانغا چىقىش ۋە چۈشۈشكە، ئالدىن يۈك-تاقلارنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر