باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىقىمداندا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاتمىغانلارنىڭ ھېسابىدىكى مەبلەغ يوقالمايدۇ

2016.05.26 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، چىقىمداننى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاتمىغانلارنىڭ ھېسابىدىكى مەبلەغنىڭ توڭلىتىۋېتىلىشى ئالدىدا، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى تولۇقلىمىغانلارنىڭ چىقىمدان ھېساباتىنىڭ توڭلىتىۋېتىلىش ئېھتىمالى بار، دېگەن خەۋەر توردا تارقىلىپ يۈرگەن. تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزملاتمىغانلارنىڭ چىقىمدان ھېسابىدىكى مەبلەغ توڭلىتىلمايدىغانلىقىنى ۋە يوقالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

  ئالاقىدار مەسئۇل كىشى: يېڭى قۇرۇلغان بانكىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ چىقىم قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىگە ماسلىشىشى ئۈچۈن، چىقىمدان ئابۇنتلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىتىشىغا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى، بۇ يىل 3-ئايدا، مەركىزىي بانكا تارقاتقان «بانكىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ توردا چىقىم قىلىش كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاساسلىق چىقىم قىلىش سۇپىسىدا جەزمەن ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئىسپاتلاش يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، « چارە» 7-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئالاقىدار مەسئۇل كىشى: ئەگەر ھەقىقىي ئىسمىنى تىزىمغا ئالدۇرمىسا، كەلگۈسىدە قالدۇق پۇلنى چىقىم قىلالماسلىق ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئەگەر كىملىك ئۇچۇرلىرى تولۇق بولمىسا، قالدۇق پۇلنىڭ توڭلىتىلمايدىغانلىقى ۋە يوقالمايدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە كىملىك ئۇچۇرلىرىنى تولۇقلىسا ھېساباتتىكى قالدۇق پۇلنى يەنە ھەر ۋاقىتتا ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر