- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئافغانىستاندىكى تالىپانلار مەنسۇرنىڭ ئۆلۈمىنى دەلىللىدى ھەمدە يېڭى رەھبەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى
2016.05.26 16:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافغانىستاندىكى تالىپانلار تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مەنسۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى ھەمدە ھەيباتۇرا ئاخۇنزاتنىڭ يېڭىدىن ئالىي رەھبەرلىككە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا يەنە: ئافغانىستاندىكى تالىپانلار مەنسۇرنىڭ ئۆلۈمىدىن ئۆچ ئالىدۇ دېيىلدى.
ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ئالىي رەھبىرى مەنسۇر 21-ماي پاكىستاننىڭ ئافغانىستانغا تۇتىشىدىغان رايونىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ نىشانلاپ زەربە بېرىشىدە يوقىتىلغان، ئارقىدىن ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر