باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇشنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى

2016.05.27 10:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يېقىندا بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئالدىن بىر قەدەم تاشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاددىي پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن تەشكىلىي مۇناسىۋىتى تەۋە بولغان ياچېيكىلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە ئايرىم-ئايرىم قاتنىشىپ، ئۆزلىرى ئالاقە باغلىغان ئايماق، شەھەر ۋە خوشۇن، ناھىيە، رايونلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىشى، تەربىيەلىنىشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، رەھبەرلەر باشچىلىق قىلغان، دائىمىي كومىتېت كوللېكتىپى باشقا كوللېكتىپلارغا تۈرتكە بولغان، تۆت چوڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا تۈرتكە بولغان، 2-دەرىجىلىك ئورۇنلار ئاساسىي قاتلام ياچېيكىلىرىغىچە تۇتاشقان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇشنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىلىم بىلەن ھەرىكەتكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ياخشى باشلىنىش ئەۋج ئالدى.

  ئىچكى موڭغۇلدا نۇقتا كۆپ، لىنىيە ئۇزۇن، دائىرە كەڭ بولۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تۈرگە بۆلۈپ يېتەكلەش، قاتلاممۇ-قاتلام ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردى. ئوخشىمىغا دەرىجىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ، ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش ئۆگىنىش تەلىم-تەربىيەسىنىڭ تۆت يېتەكچى ھۆججىتى، بىر يۈرۈشلۈك ھۆججەتنى تۈزۈپ چىقاردى. ئوخشىمىغان پارتىيە ئەزالىرىغا ئايرىم-ئايرىم تەدبىر قوللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېشى چوڭراق، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەنرەك، تارقاق ئولتۇراقلاشقان چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، 1-شۇجىلار، يادرولۇق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزلىك تەكرار قىلىپ بېرىش، ئۆيلىرىگىچە بېرىپ ئۆگىتىش، ياردەم مۇناسىۋىتى ئورنىتىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر