باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئەسكەر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى ئۇرۇش پىلتىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇشى مۇمكىن

2016.05.27 10:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى __ ۋەزىيەتنى ھەربىيلەشتۈرۈشى، ئۇرۇش پىلتىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇشى مۇمكىن.

  بىر مۇخبىر: خەۋەرلەرگە قارىغاندا جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋېتنامنى يېنىغا تارتىپ، جۇڭگونى چەكلىشى جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى، رايون توقۇنۇشىغا پىلتا يېقىپ بېرىشى مۇمكىن دېگەن خەۋىرىگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىۋى كېررى 24-ماي: جۇڭگونىڭ شەرقى دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتى ئۇرۇش پىلتىسىغا ئوت يېقىپ بېرىشى مۇمكىن، جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا دېڭىزنى تىندۈرۈپ قۇرۇقلۇق ياساش ۋە ئارال خادا تاشلارنى ھەربىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى قوللانغاندا ئېھتىياتچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن دەپتۇ، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ سورىغاندا خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاېمرىكا 2010-يىلىدىن باشلاپ ئاسىيا تىنچ ئوكياننى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگيەسىنى يولغا قويدى، فىلىپپىن 2012-يىلى خۇاڭيەن ئارىلى ۋەقەسىنى تۇغدۇردى، 2013-يىلى 1-ئايدا ئۆز ئالدىغا جەنۇبىي دېڭىز كېسىم دېلوسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگونىڭ ئارال خادا تاش قۇرۇلۇشى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرى باشلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىنغان جۇڭگونىڭ ئارال خادا تاشلىرى ئۈستىگە قۇرۇلۇش قىلدى، جۇڭگو ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئارىىلى خادا تاشلىرى ئۈستىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ باردى، جۇڭگو قوللانغان ھەرىكەت پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە يوللۇق قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈندۇر، بۇ پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىش.

  خۇا چۈنيىڭ يەنىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزغا ئەسكەر كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىلغار ھەربى پاراخود ۋە ئايروپلانلارنى ئەۋەتىپ، جۇڭگونى داۋاملىق ھەربى جەھەتتىن يېقىندىن كۈزەتتى، يەنە ئىتتىپاقداشلىرى ياكى شېرىكلىرىنى جەنۇبىي دېڭىزدا قاراتمىلىقى كۈچلۈك بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ۋە بىرلەشمە چارىلاش ئېلىپ بېرىشقا كۈشكۈرتتى، مانا بۇنى ھەربىيلەشتۈرۈش، ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىش دەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر