باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى تىرىشىپ كېڭەيتىش

2016.05.27 11:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تىنچلىق ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، «كەڭ دائىرىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى» ياخشى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاممىنى بەختلىك قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولى ۋە بوشلۇقىنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، شەھەر، يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كۆپىيىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  يۇقىرى نۇقتىدىن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلدى

  «بۇ بىر قانچە يىلدا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايون نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلەرنى چىقاردى، مەسىلەن: قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش، كارخانىلار يېڭىدىن قوبۇل قىلغان خادىملارنىڭ ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلىنىشىگە تولۇق ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى»، دېدى شىنجاڭ «خۇاجىڭ» فوتو ئېلېكتىر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جۈەن 20 - ماي ماڭا.

  2014 - يىلى ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش −− دۆلەتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شەخسەن ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش −− شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، نېگىزلىك قۇرۇلۇش، بىرىنچى تەلەپ، بىرىنچى مەسئۇلىيەت ۋە بىرىنچى نىشان. ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرلۈك يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى؛ مەۋقەنى كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇش، ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭ ئىچىدە ھەل قىلىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تىنچلىق ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ھەل قىلىشقا ئىرادە باغلىدى؛ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتقا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە يېڭى تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  «ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى قوبۇل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ... بىر قاتار مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلەر ئاقا - ئارقىدىن چىقىرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى سىياسىي ئاساس ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. بىر قاتار مۇھىم يىغىنلار يىغىن، بىر يۈرۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى.

  تۈرلۈك تەدبىر، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈلدى

  «ھازىر ئايدا 2000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، مەن ئۆز مەھەللەمدىلا خىزمەت تېپىپ، ئىشلەپ پۇل تاپتىم»، دېدى پەيزاۋات ناھىيە «شېڭتەي» ئىلمە توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ پىششىقلاش سېخىدا ئىشلەيدىغان 25 ياشلىق روشەنگۈل ئابدۇل ئاپتوماتىك كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا كىيىم تىكىۋېتىپ ماڭا.

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش يەرلىكنىڭ يېزىلاردا ئەمگەكچىلەر ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولىغا ئايلاندى.

  «بۇ يەردىكى بەزى ئاھالىلەر، بولۇپمۇ ئاياللار سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ، بىز بىر قىسىم مەھسۇلات ۋە ئېلېكتىرونلۇق دېتال قاتارلىقلارنى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ بوش ۋاقتىدا قۇراشتۇرۇپ، ئوراپ پۇل تېپىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بەردۇق. ئۇلار ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن بەك خۇشال بولدى»، دېدى قەشقەر «جىنچېڭ» ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۇ شاۋشى 22 - ماي ماڭا تېلېفوندا.

  ئاپتونوم رايون يېزىلارنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، «باش بۆلۈم+ھەمراھ زاۋۇت+دېھقان» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. «جىنچېڭ» ئېلېكتىرون شىركىتىنى مىسالغا ئالساق يېزا - بازارلاردىكى ھەمراھ زاۋۇتلار مەھسۇلات ۋە دېتاللارنى بىر تۇتاش تەقسىملەپ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كەنتلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن ھەم مەھسۇلاتلارنى قەرەللىك يىغىۋالىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ ئۆيى سېخقا ئايلىنىپ، ئايدا 1000 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدىغان بولدى. بۇ خىل ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەرلىك دېھقانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  ئائىلىسىدە بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلە −− ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ قىيىن بولغان توپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايون يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە جانلىق ئېنىقلاپ بولۇش خىزمىتىنى سىجىل داۋاملاشتۇردى.

  بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن مەنزىرەم مەمەت ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ توپاتاغ مەھەللىسىدە ئولتۇرىدۇ. 2014 - يىلى ئۇ مەھەللىنىڭ ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئاشپەزلىك كۇرسىدا بىر ئايدەك ھەقسىز تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىمتىھاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، مەھەللىنىڭ ياردىمىدە بىر پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئېرىشىپ، مەھەللە ئاشخانىسىدا ئاشپەز بولدى. ھازىر ئۇ «ئۈچ خىل سۇغۇرتا ۋە بىر فوند» (كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى) پۇلىدىن باشقا، ئايدا 2000 يۈەنچە كىرىم قىلىدۇ. «ھازىر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالمايمەن، يەنە تېخى پۇل تېپىپ بالىلىرىمغا يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ بېرەلەيدىغان بولدۇم»، دېدى مەنزىرەم. خىزمەت قىلغاندىن كېيىن مەنزىرەمنىڭ روھىي قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىمۇ ئاشتى.

  ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى داۋاملىق يولغا قويدى، 2015 - يىلى 5000 كىشىنى، 2016 - يىلى 4000 كىشىنى تاللاپ ئەۋەتتى. ئاپتونوم رايون يەنە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى، ئىستۇدېنتلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش پىلانى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يۆلەش سىياسىتىنى تۈزۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا شۇ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88.57كە يەتكەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 15 مىڭ 400 كىشى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقان ھەم ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلىنىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان، 99 مىليون 850 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئەمەلىيلەشكەن، 3587 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 6955 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.

  سىستېما مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇلدى

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىلەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت كۆپ قېتىم ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن تۈنجى تۈركۈمدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىن 100 ئەمگەكچى 16 - ماي سانجىغا كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 22 ئەمگەكچى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت كىيىمى شىركىتىگە ئەۋەتىلدى، كارخانا ئىش ئورنى، ئىش تۈرى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى؛ قالغان 78 ئەمگەكچى فۇكاڭ شەھەرلىك ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە بىر ئاي يېپىق شەكىلدە قوش تىلدا تەربىيەلىنىپ ۋە ھەربىي مەشىق قىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  «نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرگەن نامرات ئەمگەكچىلەرگە قاراتمىلىق ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئۇزاق مەزگىل مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەش ئارقىلىق كىرىمنى كۆپەيتىش −− بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ يېڭى بىر ئالاھىدىلىكى»، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شېن پىڭجياڭ.

  خىزمەت تېپىش قىيىن، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاسان ئەمەس. ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپ، پۇل مۇئامىلە، مالىيە - باج قاتارلىق بىر قاتار يۆلەش سىياسەتلىرىنى تۈزۈش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك يوللار، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن ئەمگەكچىلەرنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايون يەنە شەھەر، يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ۋە تەربىيەلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەربىيەلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىدىكى تەربىيەلىنىش تولۇقلىمىسى بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىستۇدېنتلار، «تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇمىغانلار» ۋە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى نۇقتا قىلىپ، ئۇلارنى نۇقتىلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويدى، «تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇمىغان» ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى دۆلەت ئورتاق تىلىدا تەربىيەلەش ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2014 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك خادىملاردىن جەمئىي 2 مىليون 235 مىڭ ئادەم / قېتىم تەربىيەلىدى.

  ئاپتونوم رايون ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىنىڭ تەسىرىگە قارىتا بىر قاتار يۆلەش سىياسەتلىرىنى چىقاردى: يېڭىدىن شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىشچىلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بېرىش؛ تىجارەت، ئىشلەپچىقىرىشى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، ئەمما خادىملارنى قىسقارتمىغان ياكى ئازراق قىسقارتقان كارخانىلارغا قارىتا ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى ئالدىرىماي تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىش ئورنىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى ئازايتتى؛ ئىجتىمائى سۇغۇرتىغا تولۇقلىما بېرىش چارىسىنى تۈزۈپ، بەش تۈردىكى كارخانا ۋە شەخسلەرنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن قىلىشنى بەلگىلىدى؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد تەرەققىياتىنى قوللاش دەرىجىسىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك تۆۋەنلەتتى... بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەر مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش −− خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلق گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ بەخىت مەنبەسى

  «سىرتقا چىقىپ ئىشلىسەك پۇل تېپىپلا قالماي، ئىدىيەمىزدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىكەن»، دېدى ئىلگىرى لېچەك كىيىپ، ئۆيدىن تالاغا چىقماي يۈرىدىغان ئائىلە ئايالى زورەم زار. ئۇ ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى بىر كىيىم - كېچەك دۇكىنىنىڭ خۇجايىنى، يىللىق كىرىمى ئون نەچچە تۈمەندىن ئاشىدۇ. يېقىندا ئۇ تەڭرىتاغ رايونى قانات يايدۇرۇغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» بويىچە ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتى. «ئىدىيەدە ئازاد بولساق، پۇل تېپىشمۇ ئاسان بولىدىكەن، مەن تېخىمۇ كۆپ ھەدە - سىڭىللارغا ماڭا ئوخشاش ئۆيدىن چىقىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن»، دېدى ئۇ.

  «مەن ھازىر توكچىلىق قىلالايمەن، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن <باھار شامىلى ھەرىكىتى>نىڭ تۈرتكىسىدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، توكچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىدىم»، دېدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان راخمان داۋۇت رازىمەنلىك بىلەن.«ھازىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى ياخشى، ئىگىلىك تىكلىسەك يەنە تۈرلۈك تولۇقلىما بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايمىز، مەن خىزمەت تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن»، دېدى بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى فېڭ چيەنچيەن.

  ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەر ۋە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئىش تېپىپ بېرىش، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن قىلىش... ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرى شەھەر، يېزىلاردىكى ھەر مىللەت ئەمگەك كۈچلىرىگە ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشنىدىغان، قەدەمنى پۇختا ئالىدىغان، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان يولغا باشلىغۇسى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر