باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى

ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازارلىرىدا ئىككى يىلدا 930 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

2016.05.27 11:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداش خىزمەت قىلىدۇ، مەخسۇس مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى، ھەقسىز ياتاق بار، ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، بۇ جايدا ياخشى ئىشلەشنى ئويلىشىۋاتىمەن»، دېدى.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، ئايگۈلگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ كىشى ئۆيلىرىدىن سىرتلارغا چىقىپ، دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئۆزگىرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش −− شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شەھەرلەرگە تەرتىپلىك كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز جايى ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، يۇرتىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك. شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تىنچلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىش كېرەك».

  ئاپتونوم رايونىمىز 2014 - يىلى يەنىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۆپەيتىش ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ئورناتتى، ئاپتونوم رايونىمىزدا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىگە مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر قاتار قوللاش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچى دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئۆزگەردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشتىكى تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يۆلەش تۈرلىرىدە كەينى - كەينىدىن ئىش باشلىنىپ، 41 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلدى.

  ئاپتونوم رايون 2015 - يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش بېسىمىغا دۇچ كېلىپ، «ئىشقا ئورۇنلىشىش - ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى تۈرلۈك ئەمگەكچىلەرنى ئاساسەن قاپلىدى، يېڭى نۆۋەتلىك تېخىمۇ ئاكتىپ، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، پەرقلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش - ئىگىلىك تىكلەش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز بارلىق ئەمگەكچىلەرگە يۈزلەنگەن كەسپىي تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇمىغانلار ۋە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى نۇقتىلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى دۆلەت ئورتاق تىلى ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى. يەنە كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا رىغبەتلەندۈرۈش - چەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان كارخانىلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى، كەسپىي تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى بىر تۇتاش پىلانلايدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىگىلىك تىكلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش بېسىمى ئېشىۋاتقان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، شەھەر - يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. 2014 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر - بازارلاردا 930 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىن 5 مىليون 250 مىڭ ئادەم / قېتىم ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىن بىر كىشى 24 سائەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شۇ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88تىن يۇقىرى بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يۇڭ: «بىز بۇ يىل يېڭى نورمال ھالەتكە، بولۇپمۇ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنى كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ، شەھەر - بازارلاردا 440 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىن 2 مىليون 200 مىڭ ئادەم / قېتىم ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشكە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىمىز»، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر