خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25 -ماي كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، بىڭتۇەن باش تېما قىلىنغان ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى« مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورتاق ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى ئۈچ مەيدان ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىنىڭ تۇنجى مەيدانىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
كېچىلىك « قول تۇتىشىپ بەخت يولىغا تەڭ ئىلگىرىلەيلى» ،« تۇتاش قەلىبلە- بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ سۆيگۈسى»،«مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغدايلى» قاتارلىق ئۈچ قىسىم بۆلۈنگەن بولۇپ، ناخشا - ئۇسسۇل، دراما ۋە ئەلنەغمە، ئېتوت، سىرىك، مېلودراما، نەسرىي شېئىر قاتارلىق كۆپ خىل بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ئارقىلىق كېچىلىكتىكى 14 سەنئەت نومۇرى ئوينالدى. كېچىلىكتىكى نومۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقىي ئادەم ۋە ھەقىقىي ئىش -ئىزلارغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بىڭتۈەن ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكى، سېرك ئۆمىكى، چىنجۈ ئەلنەغمە ئۆمىكى قاتارلىق كەسپىي تەشكىلاتلاردىكى ئارتىسلار بولۇپ، جەمئىي 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىنئام نەسىرىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كەدىرقان مىراسخان، بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گو يۇڭخۇي، ش ئۇ ئا ر پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يەن گوشەن قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە كېچىلىكنى كۆردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى