باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18 يىلدىن كېيىن گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ليۇ جىچياڭ تەپتىش ئورگانلىرىغا «خاتا دىلونىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىلتىماسى» سۇندى

2016.05.26 13:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18 يىلدىن بېرى ئۈچ قېتىم ئۆلۈم جازاسىغا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىنىپ، ئاخىرى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ليۇ جىچياڭ 25-ماي جىلىن ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەرزىيەت ئىلتىماس تارماقلىرىغا خاتا دىلونىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش ئىلتىماسى سۇنۇپ تۇتۇلغان، شىكايەت قىلىنغان، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان، كېسىم چىقىرىلغان جەرياندىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ليۇ جىچياڭنىڭ ئىلتىماسىدا، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جىلىن شەھىرى چۇەنيىڭ ج خ تارماق ئىدارىسىدىكى دىلو بېجىرگۈچى خادىملارنىڭ قانۇنسىز قاماپ قويۇش، قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خاتا قولغا ئېلىش، خاتا ئەيىبلەش، خاتا كېسىم چىقىرىشتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئېيتىلدى.

  1998-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، جىلىن شەھىرىدىكى 27 ياشلىق گو فامىلىلىك ئايال ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلدى. جىلىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چۇەنيىڭ تارماق ئىدارىسىنىڭ رازۋېدكا قىلىشى بىلەن گو فامىلىلىك ئايالنىڭ دوستى، شۇ چاغدا 34 ياشلىق ليۇ جىچياڭ قاتىل دەپ بېكىتىلدى.

  جىلىك شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ شىكايەت قىلىشى بىلەن، 1999-يىلى 12-ئايدا، جىلىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا ليۇ جىچياڭنى قەستەن قاتىللىق قىلغان دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. ليۇ جىچياڭ نارازىلىق ئەرزى سۇندى. 2000-يىلى 3-ئايدا، جىلىن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىي ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، بۇ دىلودا پاكىت ئېنىق ئەمەس، ئىسپات يېتەرلىك ئەمەس دەپ قاراپ، قايتا قاراپ چىقىشقا قايتۇردى.

  2002-يىلى 6-ئايدا، جىلىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەنە بىر قېتىم شىكايەت قىلدى. شۇ يىلى 11-ئايدا جىلىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە بىر قېتىم كېسىم چىقاردى، ليۇ جىچياڭ يەنە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  ليۇ جىچياڭ قايىل بولماي يەنە ئەرز قىلدى. 2003-يىلى 3-ئايدا، جىلىن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى كېسىم چىقىرىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى.

  ئارقىدىن، ليۇ جىچياڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئەرز قىلىش سەپىرىنى باشلىدى. 2015-يىلى 7-ئايدا، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىلىن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىش تەكلىپى بەردى.

  جىلىن ئۆلكىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن، قايتا قاراپ چىقىشنى قارار قىلدى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى جىلىن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دىلودا ليۇ جىچياڭنىڭ گۇناھكارلىق ئىقرارىدىن باشقا، ئۇنىڭ دىلو يۈز بەرگەن نەقمەيدانغا بارغانلىقى ھەمدە قاتىللىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان باشقا ئىسپان يوق بولغانلىقتىن، ليۇ جىچياڭنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلدى.

  جىلىن ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئەرزىيەت تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى ليۇ جىچياڭنىڭ «خاتا دىلو مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىلتىماسى»نى قانۇن بويىچە قۇبۇل قىلدى ھەم تېزدىن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر