باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ: ئاز سانلىق مىللەت، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىش كېرەك

2016.05.26 12:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ يېقىندا، سىچۇەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاز سانلىق مىللەت، نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، يۆلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، بەش يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى تاماملاشقا كۈچ چىقىرىش بىلەن بىرگە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىر ئاز سانلىق مىللەتنىمۇ تاشلاپ قويماسلىق، بىر كىشىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر