خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ماي، جۇڭگو مۇزىكا ئىنستىتۇتى ناخشا فاكۇلتېتى، جۇڭگو مۇزىكا ئىنستىتۇتى تەتقىقات يۇرتى ئۇيۇشتۇرغان «قوغۇن ماكانى قۇمۇل - چولپان يۇنۇس يالغۇز كىشىلىك ناخشا كونسېرتى» جۇڭگو مۇزىكا ئىنستۇتىتىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ داڭلىق مۇزىكانتى ئادىل قاتارلىق ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار بۇ مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتناشتى.
چولپان يۇنۇس گۈزەل شىنجاڭنىڭ قۇمۇل دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، باكلاۋىرلىق ئوقۇشىنى پۈتكۈزگەن. چولپان يۇنۇس ناخشا-مۇزىكىغا ھېرىسمەن بولۇپ، ياڭراق ئاۋازى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن قۇمۇل تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى ئۆتكۈزگەن قۇربان ھېيتلىق، چاغانلىق كېچىلىكلەرگە كۆپ قېتىم قاتناشقان. 2008-يىلى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك ياش ناخشىچىلار مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ رايونىدىكى 10 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرگەن. 2009-يىلى جياڭشى تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو قىزىل ناخشىلىرى» مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە بەش كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. چولپان يەنە نەنچاڭ، چاڭشا، چىڭداۋ قاتارلىق 13 شەھەردە ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى ناخشا كېچىلىكى، سەيلىگاھلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، تاماشىبىنلاردا ئۆزگىچە تەسىرات قالدۇرغان. 2013-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش ناخشىچىلار مۇسابىقىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مۇسابىقە رايونى بويىچە 4- دەرىجىگە ئېرىشكەن. يەنە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى «تەڭرىتاغ كۈيلىرى» پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىدە بولغان. 2015-يىل «شىنجاڭ ناخشىچىلىرى» مۇسابىقىسىدە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 2015-يىلى يەنە شىنجاڭ تالانت سەھنىسىگە قاتنىشىپ، ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن تاماشىبىنلارنى تاڭ قالدۇرغان. 2015-يىلى شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەرلەر سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگو مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ، مەكتەپ ناخشا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ۋاڭ شىكۈي ئەپەندىدىن تەلىم ئالغان. بۇ جەرياندا ۋاڭ شىكۈي مۇئەللىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تۈجۈپىلەپ تەربىيەلىشى بىلەن مۇزىكا بىلىملىرى، سەنئەت ماھارىتىنى ئىپادىلەش جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال ساپاسى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا كېچىلىكلىرىگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، سەھنە تەجرىبىسىنى ئاشۇرغان. 2015-يىلى دېكابىر گۇاڭشى سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «پەرۋاز قىلسۇن ياڭراق ناخشىمىز ــــ پىروفىسور ۋاڭ شىكۈي ئەپەندى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇزىكا كېچىلىكى»گە قاتناشقان. 2016-يىلى 4-ئايدا دۆلەتلىك مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۆلەت كۈيى ئۇنتۇلمايدۇ ــــ جۇڭگو قۇرۇلۇش 1-ئىدارىسىدىكى قۇرۇلۇشچىلارغا تەقدىم» ناملىق مەخسۇس مۇزىكا كېچىلىكىدە چولپان يۇقىرى سەۋىيەدە ماھارەت كۆرسىتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئەينى ۋاقىتتا مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان چولپان ئۇلۇغ ئارزۇ-ئىستەكلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ھارماي-تالماي تىرىشىپ تېخنىكوم، تولۇق كۇرس، سەنئەت ئۆمەك ئارتىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ھايات مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا جۇڭگو مىللىي ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش بۆشۈكى بولغان جۇڭگو مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرۇشقا قەدەم تاشلىدى.
چولپان شۇنى تونۇپ يەتتىكى، تىرىشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى ناتايىن، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ ھەممىسى تىرىشقانلاردۇر. 20 نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتى مۇساپىسىدە چولپاننىڭ خۇشاللىق كۈلكىلىرى بولدى، ئاچچىق كۆز ياشلىرىمۇ ئاقتى. بىراق، چولپان ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغىنى ئېرىشكەن نەتىجە، سەنئەت ھاياتىدىكى ئىلگىرىلەش ۋە سەھنە تەجرىبىلىرى بولدى. بۈگۈن چولپان كۆپچىلىككە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، بارلىق ئەزىزلەرگە سۇندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى