خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26 -ماي، 3 - نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك ـ ئىچمەك سودا يەرمەنكىسى ۋە 6 - نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك ـ ئىچمەك كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە يېمەك ـ ئىچمەك يەرمەنكىسى دەپ قىسقارتىپ ئېلىنىدۇ) شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى، 44 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن مېھمانلار گۈزەل شىنجاڭغا يىغىلىپ، نازۇ-نېمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، ئورتاقلاشقىن كاتتا زىياپەت ، تەرەققىيات ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ، سودا مىنىستىرلىقى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يۇڭ، سودا مىنىستىرلىقى ئوبوروت كەسپى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ چياڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئىلھام سابىر يېمەك ـ ئىچمەك يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە يەرمەنكىنى كۆردى.
بۇ نۆۋەتلىك يېمەكلىك يەرمەنكىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئۆتكۈزگەن، روسىيە، فرانسىيە، شۋېيتسارىيە، ئىتالىيە، قازاقىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پاكىستان قاتارلىق 44 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1200 دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى