- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى « پاكىستان تەتقىقات مەركىزى » قۇرۇلدى
2016.05.27 11:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر يىلدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ، يېقىنقى كۈنلەر , قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى « پاكىستان تەتقىقات مەركىزى » رەسمىي قۇرۇلدى .
ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى « پاكىستان تەتقىقات مەركىزى » ئاساسلىقى پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي، تارىخىي، مەدەنىيىتى ۋە قەشقەر بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىكەن. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن پاكىستاننىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئەقلىي كۈچ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلغان. 20 -ماي، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تېلېفوندا مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىن، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى «پاكىستان تەتقىقات مەركىزى» شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئالاقىدار قېرىنداش مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات يۇرتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئىككى تەرەپ تەتقىقاتى ئۈچۈن پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىنى تىكلەپ، روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى ھەقىقىي تۈردە «جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى» ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قىلىپ چىقىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر