باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇل«مەڭگۈلۈك دولان» ئۈرۈمچى شەھىرىدە قويۇلدى

2016.05.27 11:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ماي كەچتە، لەرزان مۇزىكىغا ئەگىشىپ، چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇل « مەڭگۈلۈك دولان» شىنجاڭ خەلق سارىيىدا قويۇلدى. قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەلىك دولان سەنئەت ئۆمىكىدىكى 80 نەچچە نەپەر ئارتىس ئورۇنلىغان نومۇرلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا « دولان سەنئىتى»نىڭ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

  «مەڭگۈلۈك دولان» بولسا جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلنار ئابدۇللا خانىمنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى فىڭ شۇاڭبەي ئەپەندى يىلى سېنارىستلىققا تەكلىپ قىلىنىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك رېژىسسور دىڭ ۋېي ئەپەندى باش رېژىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلىنىپ، مەكىت ناھىيەسى تەرىپىدىن يۇقىرى ئۆلچەمدە كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەنگەن، مەكىت ناھىيەسىنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قوغداش تۈرى بولغان دولان مۇقامى بىلەن دولان مەشرىپى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئەدەبىيات - سەنئەت تىياتىرى.

  بۇ تىياتىر جەمئىي «قەدىمكى چۇقان» ۋە «ھايات شادلىقى» ، «قۇملۇققا مەدھىيە» دەپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن، «مۇقەددىمە»، «بۈركۈت دولان»، « يۇلغۇن دولان »، «رەسسام دولان»، «شېئىر دولان»، « قامچا دولان »، «توغراق دولان»، «بۆشۈك دولان» ۋە « مەڭگۈلۈك دولان __ ئۇلۇغ ئاماننىساخانغا بېغىشلاپ» قاتارلىق توققۇز قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئويۇن ۋاقتى 80 مىنۇت ئىكەن. بۇ تىياتىر ئۈرۈمچىدە جەمئىي ئۈچ مەيدان ئوينىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن ئويۇننى كۆردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر