باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاۋامنىڭ كەيپىياتىدا زىددىيەت كۆرۈلدى

2016.05.30 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرگە قارىغاندا، ياۋروپادىكى چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قاناتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى ۋە گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، دەۋرىي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئىقتىساد گۈللەنگەندە، جەمئىيەت مۇقىم بولغاندا، مىللەتلەرنىڭ بىرىكىشىنى، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىش سادالىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ؛ ئەمما ئىقتىساد كاساتلاشسا ياكى كىرىزىسقا دۇچ كەلسە، پۇقرالار سايلامغا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى پارتىيەنى «جازالايدۇ». شېن شياۋچۈەن مۇنداق دېدى: ياۋروپا خەلقىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى روھىي ھالىتىدىكى زىددىيەت شۇكى، ئۇلار بىر تەرەپتىن، چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قاناتلار پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى تارىخ سەنىمىگە قايتا دەسسىشىدىن، چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قاناتلار پارتىيەسىنىڭ تەختكە چىقىپ، دۆلەتكە ئېغىر ئازاب -ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

  ياۋروپا كىرىزىس ئەندىزىسىدىن ھەقىقىي قۇتۇلۇپ چىقمايدىكەن، چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قاناتلار پارتىيەسى داۋاملىق زورىيىپ، ياۋروپانىڭ سىياسىي سەھنىسىنىڭ «ئوڭ»غا مايىللىشىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىدۇ. بىراق خۇاڭ مېڭمېڭ مۇنداق دېدى: چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قاناتلار پارتىيەسى ئاساسلىقى كىرىزىس قارالمىسى توغرىسىدىكى قائىدە-يوسۇندىن ھالقىغان پىكىر-بايانلىرى بىلەن سايلىغۇچىلارنى جەلپ قىلىۋالغان، ئەگەر ئۇلار تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار جەھەتتە جەمئىيەتتىكى قاتماللىق، يەنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىسا، قوللاشتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قاناتلار پارتىيەسى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە تەشەببۇسىدىكى چېكىدىن ئاشقان تۈسلەرنى ئازايتىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولمايدىكەن، خەلقئارانىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ، ھەتتا سىياسىي جەھەتتىن جازالىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر