باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر 844 خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

2016.05.30 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016-يىللىق مەركەز خامچوتىدىن ئۈچ مىليارد 428 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت ساياھەت، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى 18 تۈردىكى 844 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردى. يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى - ئاپتونوم رايوننىڭ يەتتىنچى «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تۈر قۇرۇلۇشىدا ئاساسىي قاتلام ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە نۇقتىلىق ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

  2016-يىلى يېزا قوش تىللىق يەسلى تۈرىدە مەركەز خامچوتىدىن بىر مىليارد يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 522 يېزا قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلدى. سەھىيە جەھەتتە، مەركەزنىڭ 630 مىليون يۈەن مەبلىغى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست ۋە چەت، يىراق، نامرات جايلاردىكى ۋىلايەت-شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا قاتارلىق 92 تۈر قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلدى. مەدەنىيەت ساياھەت جەھەتتە مەركەزنىڭ 280 مىليون يۈەن مەبلىغى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ سەنئەت مەركىزى، شىنجاڭ تەرجىمە سارىيى قاتارلىق تۈرلەرگە مەدەت بېرىلدى. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە تەنتەربىيە جەھەتتە مەركەزنىڭ 202 مىليون يۈەن مەبلىغى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، يېزا ساناتورىيەسى، ناھىيە دەرىجىلىك ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدانى يېنىك ئاتلېتىكا يۈگۈرۈش يولى قاتارلىقلارنى ياساشقا مەدەت بېرىلدى. ئاساسىي مۇلازىمەت جەھەتتە مەركەزنىڭ 520 مىليون يۈەن مەبلىغى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر