باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە بالىلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن

2016.05.30 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۆسمۈر بالىلار مەدەنىيەت سەنئەت فوندى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلار 340 بالىلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان، بۇنىڭدىن ئېلىمىزدە بالىلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قىز بالىلارنى قوغداش تۈرى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 28-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى سۈن شۆمېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن ھازىر ئېلىمىزدىكى بالىلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنىڭ يۈز بېرىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 2015-يىلى تاراتقۇلار 340 بالىلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى، %70 دىن كۆپرەك دېلونى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تونۇشى سادىر قىلغان بولۇپ، بالىلارغا شۇ ئائىلە ئەزالىرى جىنسىي زىيانكەشلىك قىلغان دېلو 29 غا يەتكەن. بالىلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتىن باشقا يەنە جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلارنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇشمۇ جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك رېئال مەسىلە بولۇپ قالدى. جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش تۈرىدىكى دېلولاردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا بولىدىغان زەربە ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈمىدىكى تۆلەم سوممىسىدا داۋالاش دورا ھەققى قاتارلىق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيانلا ئاساس قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا قورامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا بولىدىغان زەربە بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئانچە ماس كەلمەيدۇ.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بەيسې شەھەرلىك جىنسىي زىيانكەشلىك دېلولىرىنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى ۋۇ خۈي مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: جىنسىي زىيانكەشلىك تۈرىدىكى دېلولارنىڭ ھەق تەلەپ تۆلەم مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلسە. زىيانلانغۇچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ناھايىتى ئېغىر پىسخىكىلىق زەربىگە ئۇچرايدۇ. جىنسىي زىيانكەشلىك پىكرى يەنى قورامىغا يەتمىگەن بالىلارغا جىنسىي زىيانكەشلىك قىلغان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى پىكىرگە ئاساسەن، روھى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاش ھەققى تۆلىمىگە ئېرىشسە بولىدۇ. بىراق ئەمەلىيەت داۋامىدا بۇ بەلگىلىمە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمىدى. بىز ھازىر بۇ خىل ھەققە ئېرىشكەن بىرمۇ دېلو يوقلىقىنى تاپالايمىز، سوت مەھكىمىلىرىمۇ شۇنداق. پىسخىكا جەھەتتىن داۋالاشنى جىسمانىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش دەرىجىسىگە بىلەن ئوخشاش قىلغىلى بولامدۇ يوق؟ بۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك، ئىككىنچى دەرىجىلىك قىلىپ باھالاپ بېكىتىلسە، ئاندىن بۇنىڭغا ئاساسەن تۆلەم بېرىلسە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر