باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت سۈرئىتى تېز ئاشقان

2016.05.30 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدىنقى 4 ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 31 مىليارد 920 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %17.1 ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىدا ئۇدا 3 ئاي ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئالدىنقى 4 ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ئادەتتىكى سودىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئاساسلىق سودا شېرىكى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىدا ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. ئالدىنقى 4 ئايدا قازاقىستان شىنجاڭنىڭ بىرىنچى سودا شېرىكلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 9 مىليارد 650 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30.2نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ ئامېرىكا، رۇسىيە، كانادا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئالدىنقى 15-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا تېز ئېشىپ، بىر قاتلانغان. ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون چىقارغان پايدىلىق سىياسەتنىڭ ياخشى رول ئوينىغانلىقى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئاشقانلىقىدىكى ئاساسلىق ئامىلكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر