- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۇتىن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى
2016.05.30 16:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولغان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى چىپىراس بىلەن 27-ماي كەچتە تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا سۆزلىشىشنى كۈچەيتىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلىپ ياخشىلاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
چىپىراس مۇنداق دېدى: گىرېتسىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئالاقىسى يېقىن، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش گىرېتسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، بۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايون مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشكە ناھايىتى كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ھەمكارلىقى ئېنېرگىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن يەنە يۇقىرى پەن تېخنىكا، ئۇل ئەسلە ۋە ئورتاق مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى گىرېتسىيە زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ ئېنېرگىيە، ساياھەت، تېخنىكا، مائارىپ ۋە پەن تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر