باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە يېڭى ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ئىشىنىش ئاۋازىغا ئېرىشتى

2016.05.30 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنقەرە خەۋىرى: 29-ماي، تۈركىيە زۇڭلىسى پىنارد يىلدىرىم رەھبەرلىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ئىشىنىش ئاۋازىغا ئېرىشىپ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى.

  شۇ كۈنى، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتىنىڭ 453 ئەزاسى ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 315 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 138 ئاۋازنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئىشىنىش ئاۋازىغا ئېرىشتى. 22-ماي، تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئالاھىدە قۇرۇلتىيىدا، يىلدىرىم بۇ پارتىيەنىڭ 3-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. شۇ كۈنى كەچتە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان يىلدىرىمغا زۇڭلى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى ئىچكى كابىنېت تەشكىللەشكە ھوقۇق بەردى ھەم 24-ماي يېڭى ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى تەستىقلىدى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى ۋەزىپىسىدىن قالدى. ھازىر 60 ياشقا كىرگەن يىلدىرىم بۇنىڭدىن ئىلگىرى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان، سىرتتىكىلەر ئۇنى ئەردوغاننىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى، دەپ قارايدۇ

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر