باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى چەتئەلگە تۇتىشىدىغان تۇنجى ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈر يولدا ئىش باشلاندى

2016.05.30 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى چەتئەلگە تۇتىشىدىغان تۇنجى ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈر يولدا يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ سېگې چېگرا ئېغىزىدا ئىش باشلاندى. سېگې چېگرا ئېغىزى تۆمۈر يولى تۈرى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، «جۇڭگو موڭغۇلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى، شىمالغا ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇ قۇرۇلۇشتا ئېلىمىزنىڭ 1.435 مېتىر كەڭلىكتىكى ئۆلچەملىك رېلىسى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى چەتئەلگە تۇتىشىدىغان تۇنجى ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈر يول. سېگې چېگرا ئېغىزىنى 2005-يىلى 6-ئايدا گوۋۇيۈەن جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىككى تەرەپلىك دائىملىق قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى قىلىپ تەستىقلىغان، موڭغۇلىيەنىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى بىر قەدەر مول ئۆلكە رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېلىمىزدىكى شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئورتاق ئىگە بولغان قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى. سېگې چېگرا ئېغىزى چېگرا ھالقىغان تۆمۈر يولى تۈرى پۈتكەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى بېيجىڭ-ئۈرۈمچى تۆمۈر يولى، لىنخې-سېگې تۆمۈر يولى، جيايۈگۇەن-سېگې تۆمۈر يولى قاتارلىقلارغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە-موڭغۇلىيە ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ غەربىي چېتى ۋە تۆتىنچى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىگە ئايلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر