باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەر بەش يىلدا ئاز دېگەندە ئالتە ئاي كارخانىلارغا بېرىپ بىرىنچى سەپتە ئەمەلىيەتكە قاتنىشىشى كېرەك

2016.05.30 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-ماي مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا «كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىرى كارخانىلاردا ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش بەلگىلىمىسى»نى تارقىتىپ، پىراكتىكانت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسپىي مەكتەپلەر كەسپى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھەر بەش يىلدا ئاز دېگەندە ئالتە ئاي كارخانا ياكى ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ ئەمەلىيەتكە قاتنىشىشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلىدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ بەلگىلىمە زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرى بىلەن كارخانىلارنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تۈزۈم لايىھەسى بولۇپ، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ھەقىقىي تەدبىر، كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەمەلىيەت ئىقتىدارى ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىيەت قىممىتىگە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر