باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ بانكا كەسپىدىكىلەر پۇل-مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دەللىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈردى

2016.05.30 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ بانكا كەسپىدىكىلەر پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۇل-مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دەللىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا كۈچلۈك مەدەت بەردى. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يىخۇاڭ ناھىيەسىدە بىرقانچە بانكا شۇ جاينىڭ بىر نامراتلارنى يۆلەش تۈرىگە ياردەم بەردى. بانكا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارىلىشىپ پائال ماسلىشىپ، بۇ سېرىق چاي ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ئېھتىياجلىق 18 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنى ئاساسەن ھەل قىلىپ بەردى، بۇ تۈرمۇ ئەتراپتىكى نۇرغۇن نامرات ئائىلىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ يىل يىخۇاڭ ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 25نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ تۈرلەر كۆكتات تېرىقچىلىقى، سېرىق چاي تېرىقچىلىقى، كالا باقمىچىلىقى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، سوممىسى ئىككى مىليارد 180 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ياڭشەن ناھىيەسىدە يەر ئوبوروتى ئارقىلىق، بۇرۇنقى چېچىلاڭغۇ، ھەتتا تاشلاندۇق تېرىلغۇ يەرلەر قايتىدىن جانلاندۇرۇلۇپ، چوڭ دېھقانچىلىق ئائىلىرى كىچىك ئائىلىلەر، نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەشتەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى. شۇ جايدىكى بانكىلارمۇ يۈرۈشلۈك پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق ياراتتى، دېھقانلار يەر، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق مۈلۈكلىرىنى رەنىگە قويۇپ قەرز پۇل ئالالايدىغان بولدى. ھازىرغىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بانكا ئاپپاراتلىرى يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقى رەنىگە قويۇلغان قەرز پۇلدىن بىر مىليارد 300 مىليون يۈەن، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مۈلكى رەنىگە قويۇلغان قەرز پۇلدىن تۆت مىليارد 363 مىليون يۈەن تارقاتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر