باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇل-مۇئامىلە جەھەتتىن ئېتىبار بېرىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش

2016.05.30 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇ لېي 28-ماي دابيېشەن پۇل مۇئامىلە مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن ئېتىبار بېرىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ ئېرىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش. لۇ لېي مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەش بىلەن پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھۆكۈمەت تۈزۈلمە مېخانىزمى قاتارلىق ئامىللار ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن نەپ يەتكۈزۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن تېخىمۇ قولايلىق ياراتسا، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى پۇل مۇئامىلە بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسا بولىدۇ. ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ كىرىمى يۇقىرىلىسا يېڭى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ تەدبىر نامرات رايونلاردىكى پۇل مۇئامىلىنىڭ تەشكىلى سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، نامراتلارنى پۇل-مۇمىلە جەھەتتىن يۆلەش ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق كەمكۇسىلارنى تولۇقلاش ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇش؛ پۇل سىياسىتى قورالىدا يېڭىلىق يارىتىپ،پۇل مۇئامىلە بايلىقى ئارقىلىق نامرات رايونلارغا يېتەكچىلىك قىلىش؛ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە پۇل مۇئامىلە يوللىرىنى كېڭەيتىش؛ پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيەسىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لۇ لېي مۇنداق دېدى: 13- بەش يىللىق پىلانغا نەزەر سالىدىغان بولساق، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېچىۋېتىش سالمىقىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتنىشىدۇ، بۇ پۇل غەيرى مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مالىيە ئىقتىساد ئاساسىي گەۋدىسى قاتنىشىدىغان ئاپپارات شەكلىدە خېيىم خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمى بولۇش زۆرۈر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر