- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئاراللاردىكى ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىدۇ
2016.05.30 17:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە شەرقىي قىسىم ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى يېقىندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەدبىر قوللىنىپ، رۇسىيەنىڭ ياپونىيە بىلەن تەۋەلىك جەھەتتە تالاش تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبتىكى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىراق شەرق رايونىدىكى ھەربىي ئىشلار مەۋجۇتلۇقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي ئىشلار ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر قانداق تەھدىتكە، بولۇپمۇ كىچىك تىپتىكى تەھدىتكىمۇ تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىي ئىشلار خادىملىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ مۇداپىئە تەدبىرىنى كۈچەيتمەكچى.
ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساكخالىن ئارىلى بىلەن كورىل ئاراللىرى رۇسىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى قاراۋۇلخانىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر