باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىرومپنىڭ داغدۇغا قوزغاش پائالىيىتىدە نەچچە مىڭ كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى

2016.05.30 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرومپ كالىفورنىيەنىڭ سانتىياگودا داغدۇغا قوزغاش يارىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بىراق پائالىيەت مەيدانىدا يەنە بىر قېتىم ئېتىراز بىلدۈرۈشىدەك قالايمىقانچىلىق ھەرىكىتى يۈز بەردى. 27-ماي، ئۇ سانتىياگو يىغىن مەركىزىدە قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلغاندا، تەخمىنەن مىڭچە ئېتىراز بىلدۈرگۈچى مەيدان سىرتىدا نامايىش ئۆتكۈزدى ھەمدە يۇقىرى ئاۋازدا شوئار توۋلىدى. ئاخىردا، تەخمىنەن 35 ئېتىراز بىلدۈرگۈچى قولغا ئېلىندى.

  سانتىياگو شەھىرى ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر كۈنى 300 مىڭ كىشى سايىسىدرو پورتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بېرىپ كېلىپ تۇرىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا ئارىلىقىدا بېرىپ كېلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، سانتىياگومۇ ئامېرىكا بىلەن مېكسىكىنىڭ ئورتاق شەھىرىگە ئايلانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئۈچتەن بىر قىسىم نوپۇس لاتىن ئامېرىكىلىقنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر