باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

د س ت: رىيودى ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى زىكا ۋىرۇسى ئەھۋالى تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈلمەيدۇ

2016.05.30 17:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرازىلىيەنىڭ رىيودى ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يەنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، زىكا ۋىرۇسى يەنىلا بىرازىلىيەدە يامرىماقتا. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن يۈز دوختۇر، تېببىي ئالىم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ، زىكا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش خەۋپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، رىيودى ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: رىيودى ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى زىكا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈش ياكى باشقا جايدا ئۆتكۈزۈش تەكلىپى ئىنكار قىلىندى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: كېچىكتۈرۈش ۋە باشقا جايدا ئۆتكۈزۈش كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كېلەلمەيدۇ. ئولىمبىك تەنھەرىكەت كومىتېتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىنمۇ تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى ياكى كېچىكتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر