باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئابې شىنزونىڭ پىيورېل خاربور ئارىلىدا زىيارەتتە بولۇشنى كۈتمەكتە

2016.05.30 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 28-ماي خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما خىروشىما ئارىلىدا تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە زىيارەتتە بولغاندىن كىيىن، ئامېرىكدا ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ 1941-يىلى ياپونىيە ئارمىيەسى ھۇجۇم قوزغىغان ھاۋايدىكى پىيورېل خاربور پورتىدا زىيارەتتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش ساداسى كۆتۈرۈلگەن.

  27-ماي، ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق بېتىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ئابې شىنزو پىيورېل خاربور ئارىلىدا زىيارەتتە بولمىسا، ناھايىتى ھەيران قالىمىز.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 12-ئايدا پىيورېل خاربور پورتى ۋەقەسىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، ھەمدە خاتىرىلەش مۇراسىمى قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە. ئابې شىنزو 25-مايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھازىرچە تېخى پىيورېل خاربور پورتىدا زىيارەتتە بولۇش پىلانىم يوق دېدى.

  ئوباما خىروشىما ئارىلىدا زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، تالاش تارتىشلاردىن ھالقىپ، دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يارىشىشى ۋە ھازىرقى بەلبېغى ئاساسىدا، پىيورېل خاربور پورتى ۋەقەسىنى قايتا تونۇپ يېتىشنىڭ پۇرسىتى پىشىپ يېتىلدى، ئوبامانىڭ خىروشىما ئارىلىدا زىيارەتتە بولغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئابې شىنزونىڭ پىيورېل خاربور پورتىدا زىيارەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلىش ساداسىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر